خىتاي «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنى سەنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22- فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىپ، نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى، يېقىندا بولسا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى بويىچە خىتاينىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە مەھەللە تازىلاش ۋە تۈزەش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بېرى سەنيا شەھىرىدىكى ئىككى ئىسلام مەكتىپىنى تاقىغانلىقى ۋە ياغلىق چەگكەن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى، كېيىن يەنە دۇكان ۋە ئۆي جاھازىلىرىدىكى ئەرەبچە يېزىلغان ئايەت ياكى دۇئالارنى، شۇنداقلا رېستورانلاردىكى ئەرەبچە «ھالال» بەلگىسىنى ئۆچۈرگۈزگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەزان چىقىدىغان ياڭراتقۇلارنى چەكلەپ، مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشىنى چەكلىگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
مۇخبىر سەنيانىڭ تۇڭگانلار رايونىدىكى بىر قانچە كارخانىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ سەنيا شەھىرىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا قارشى سىياسەتلىرىنى دەلىللىگەن.

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق