ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ 12 شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىشنى پىلانلىغان.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 80 نەچچە شىركەتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك نەپ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ياپونىيە شىركىتىمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان 14 ياپونىيە شىركىتى ئىچىدىكى سونىي (Sony)، توشىبا (Toshiba) قاتارلىق 12 شىركەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە توشىبا شىركىتى ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان توختامنى يىل ئاخىرىدا بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.