كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى

كانادا پارلامېنتى 22-فېۋرال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا پارلامېنتى 22-فېۋرال بىلەت تاشلاش ئارقىلىق نۆلگە قارشى 266 ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ئۆكتىچى پارتىيە «كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى» ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوللىغان. تىرۇدو ۋە ئۇنىڭ كابىنېتى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، بىراق لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قوللاپ بېلەت تاشلىغان.
پارلامېنت يىغىنىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكىل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ئىسپات، ھۆججەت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلارنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئەمدى بۇ پاكىتقا سەل قارىساق بولمايدۇ، بىز ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىمىز كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرۇدونىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئىچىدە پەقەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارنو(Marc Garneau)پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاش يىغىنىغا قاتناشقان. گارنو سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتۇل (Erin O'Toole)بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش كېرەكلىكىنى، گەرچە بۇ بىر قىسىم ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلىشتىن دېرەك بەرسىمۇ، بۇ ئارقىلىق كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىدەك ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىرۇدو باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بىر قېتىملىق سۆزىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 22-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن باشقا يەنە، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە قارارمۇ ماقۇللانغان بولۇپ، قارارغا ئاساسەن ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرسا، كانادا ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشى كېرەك ئىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن مەزكۇر قارار گەرچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستىيالىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق