جەنۇبى ئاۋسترالىيەدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

20 -فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا خەلقىمىزدىن باشقا دېموكراتىيەنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى، بىر قىسىم يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى، كۇيىنزلەند ئىشتاتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرىستېت ئوقۇغۇچىسى جۇۋ پاۋلو ۋە ئۇنىڭ سەككىز كىشىلىك ئەترىتى مەخسۇس ئادېلايد شەھىرىگە كېلىپ نامايشقا قاتناشتى. ئۇندىن باشقا يەنە جەنۇبي ئاۋستىرالىيە پارلامىنت ئەزاسى رېكىس پېتروك ئەپەندى، كۇيىنزلەند ئىشتاتى پارلامېنت ئەزاسى بوب كەتېى، جەنۇبى ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مۇسۇلمانلار بولۇپ 400 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!»، « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شۇئالار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي قىرغىنچىلىقىغا لەنەت ياغدۇردى.
نامايىشقا جەنۇبى ئاۋستىرالىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلار ۋە تاراتقۇلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىپ تارقىتىلدى

بۇ خەۋەر 953 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2021 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق