ئامېرىكا: خىتاي ۋىرۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتنى يوشۇرماقتا

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋىرۇس ئاپىتىگە خىتاينىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ساللىۋېن 21 -فېۋرال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنى، خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئالدىدا، ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تېخىمۇ بىۋاسىتە رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، مۇخبىرغا: خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى يېتەرلىك بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ساللىۋېن مۇخبىرغا يەنە، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ ھۆكۈمەت ئارىلاشماي ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .


بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 1-ئايدا ۋىرۇسىنىڭ 2019-يىلى كۈز پەسىلدىن باشلاپلا خىتاينىڭ ۋۇخەندە تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتىدا مەخپىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا پاكىت بارلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ ۋۇخەنگە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق كونكرېت يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەن. جون خوپكىنس ئۇنۋېرسىتىتى (Johns Hopkins University)ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى ھازىرغىچە دوكلات قىلغان جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 28 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن تەخمىنەن 498،000 ئادەم قازا قىلغان.

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2021 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق