يەرشارى ھەرىكىتى خىتاينى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21- فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرشارى ھەرىكىتى بېرمىدا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاينى بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانژېلېس، ئاپېلسىن ناھىيەسى ۋە سان دىياگودىن كەلگەن يۈزلىگەن بېرمالىقلار كالىفورنىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان. ئۇلار ھەر خىل پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ۋە شوئارلارنى توۋلاپ، خىتايدىن بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ھەربىي ھۆكۈمەتتىن ئاڭ سان سۇكى ۋە باشقا مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى، بېرمىدىكى نامايىشچىلارغا رەھىمسىز مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرمىدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 20-كۈنى نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، ئىككىنچى چوڭ شەھەر ماندالايدا قوراللىق توقۇنۇش بولۇپ، كەم دېگەندە 7 ئادەم ئۆلگەن.


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېرما تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇداپىئە تېمى قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. خىتاي ئۇچۇر تېخنىكا خادىملىرى ۋە قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بېرمىغا توشۇلغان. ھەربىي ھۆكۈمەت تور بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئىنتېرنېتتىكى ئوخشىمىغان پىكىر ۋە دېموكراتىك نامايىشنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىپ، سىياسىي ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈلكىلىك قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بېرمانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ھەر خىل پىكىرلىرى توردا كەڭ تارقالغان.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2021 18:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق