ئىسلام ئۆلىمالىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئسىلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام ئۆلىمالىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى دۇنيا خەلقىنى لاگېرلاردا قامالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىغا جىددى ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن ئون نەچچە ئۆلىمالار تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇش، دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى لاگېرلاردا قىيناش ۋە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشىغا قارشى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئىراقتىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئىسلام جەمئىيەتلىرى، ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ئىمزالىغان مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ باياناتىدا يەنە، غەربتىكى بارلىق ئىسلام ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان جىنايىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى سېلىش قىلىمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بىز غەرب تاراتقۇلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا لاگېرلاردا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قورقۇنچلۇق خەۋەرلەرنى كۆردۇق. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ مەقسىتى قانداق بولۇشىىدىن قەتئينەزەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى لاگېرلارغا سولاپ دەھشەتلىك قىينىغانلىقى ۋە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر جىنايى قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋتقان قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي جىنايى قىلىمىشغا ئاساسەن ئۆلىمالار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئىسلام ئۈممىتىگە تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلەيدۇ:
بىرىنچى: خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىجرا قىلغان جىنايى قىلمىشىغا قارشى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ۋە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋاجىبتۇر.
ئىككىنچى: غەربتىكى ئىسلام ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تولۇق ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ۋەھشى ئىجرائاتلارنى ۋە كەڭ – كۆلەملىك لاگېرلىرغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش.
ئۈچىنچى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىتاي لاگېرلارغا سولاپ قىيىن – قىستاققا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتگە ئۆتۈپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق لاگېردا قىين – قىستاققا ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ جىنايى قىلمىشلارنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش كېرەك.
تۆتىنچى: ئۈممەتنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە ئۆلىما ئورگانلىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر، دەپسەندىچىلىكلەرنى ئاڭلىتىدىغان ئىسلامىي مۇنبەر تەسس قىلىش، مۇنبەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ئۈنۈملۈك ئەمەلىي مېخانىزملارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، دۇئايى قۇنۇت ئوقۇپ خىتايغا بەددۇئا قىلىدىغان ئۇرۇنلارنى تەييارلاشقا چاقىرىدۇ.
ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر كىشىنىڭ يېنىدا بىر مۇئمىن ھاقارەتلەنسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا قۇربى يېتىپ تۇرۇپ ياردەم قولىنى سۇنمىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا خار قىلىدۇ» دېگەن.
مەزكۇر باياناتقا تۆۋەندىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئىمزا قويغان:
لىۋىيە ئۆلىمالار جەمئىيىتى
مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيىتى
لىۋىيە پەتىۋا جەمئىيىتى
ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيىتى
سۈرىيە ئۆلىملار بىرلىكى
پەلەستىن ئۆلىمالار جەمئىيىتى
سېنېگال ئىماملار ۋە دەۋەتچىلەر جەمئىيىتى
سېنېگال ئىسلام جەمئىيىتى
پەلەستىن دەۋەت مۇنبىرى
لىۋاندىكى پەلەستىن ئۆلىمالار جەمئىيىتى
پەلەستىن دەۋەت ھەمكارلىقى
ئىسلام جەمئىيىتى - لىۋان
مەراكەش ئۆلىمالار جەمئىيىتى
زاھىدان ئىلىم يۇرتى ئۇنىۋېرسىتېتى - ئىران
قۇددۇس ۋە پەلەستىن ھەمكارلىق دائىمىي كومىتېتى
پەلەستىن ئۆلىمالار مۇنبىرى - غەززە
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

بۇ خەۋەر 5497 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2021 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق