بېرمىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما نامايىشچىلىرى: «بېرمىدىكى ھەربىي دىكتاتورلۇقنى خىتاي ياساپ چىقتى » دېگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە بېرمىدىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلار ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتاينىڭ بېرمدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ نامايىشچىلار ئىنگلىزچە يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ بېرما ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. نامايىشچىلار كۆتۈرگەن پىلاكاتلارغا «خىتاي سەن ھەقىقەتەن نومۇسسىز»، «بېرما ھەربىي توپىلىڭىنى خىتاي ياساپ چىقتى»، «دىكتاتورغا قارشى تۇرۇپ بېرمىنى قۇتۇلدۇرايلى» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان.


بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 1-فېۋرالدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان گېنېرال Ang Aung Hlaing قاتارلىق بېرمىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ناي پىي تاۋدىكى ئۇچرىشىشتا، پىرېزىدېنت بولۇشنى خالايدىغان مىن ئاڭ سەي «ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا كەڭ كۆلەمدە ئالدامچىلىق يۈز بەردى. بۇ ئاڭسان سۇكىينىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى» دېگەن.
بېرما خەلقىنىڭ بېسىمىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان خىتاينىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن خەي «خىتاي دائىرىلىرى بېرمىدا سىياسىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلمەيتتى» دېگەن.
«بېرما خىتاي سودا ئۇيۇشمىسى» بايانات ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىندا بېرمىغا يېتىپ كەلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى رەت قىلغان ھەمدە خىتاي بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ دائىم بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق