سائادەت پارتىيەسىدىن ياسىم كوز ھۆكۈمەتنى خىتايغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

..
ياسىم كوز باياناتىدا: شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەتمىش يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىن ئىككى يېرىم ھەسسە چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان 35 مىليون مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا زالىم خىتاي رېجىمى ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان دەرىجىدە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ . شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئائىلىلىرىدىن تارتىۋېلىنىپ دىنسىز ، كوممۇنىسك قىلىنىپ تەربىيەن.

ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا دىنسىزلىق كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. قەغەز يۈزىدە دۆلەتنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولغان دىن ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى يەرلىك خىتاي دارىلىرى تورىپىۇۋنىنىن. ئائىلىلەرنىڭ بالىلارغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ھەج قىلىش چەكلىمىسى بار. ھەجگە بارىدىغان مەمۇرلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. مەكتەپلەرگە 200 مېتىردىن يېقىنراق بولغان مەسچىتلەر ، قۇرئان كۇرسلىرى ، مەدرىسلەر تاقالدى. دىنىي كىتابلار كۆيدۈرۈلدى ، ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتا.

ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن دۇنيادىكى بايلارغا سېتىلىدۇ. . بۇنىڭغا قارشى چىققانلار قىرغىن قىلىنماقتا. ئاتالمىش ​​«قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نامىدا ھەر بىر ئائىلىگە مەجبۇرى ھالدا بىردىن خىتاي ئەر ئورۇنلاشتۇرۇلىل.

بىز ھەربىر شەرەپ ئىگىسى بولغان پۇقرالارنى ھېسداشلىق قىلىشقا ۋە مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنى قوغداشقا تەكلىپ قىلىمىز. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلاتسىيەدۇر. ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزچىل زالىملارغا قارشى ئېزىلىۋاتقانلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىشى، ھەتتا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ساقچىخانىسىدەك مۇئامىلە قىلىشى بىزنى ۋە سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنى قاتتىق ئازابلايدۇ. خىتاينىڭ زۇلىمىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايۋاتقان بىر ئەھۋالدا، زالىم خىتاينىڭ تەمسىلچىسى ماۋچى كىشىنىڭ ھەركۈنى دېگۈدەك تېلېۋىزىيە قاناللاردا خىتاي تەشۋىقاتىنى يېيىشىغا يول قويۇلۇشى بۇ جاراھەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «بىز خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى دەپ قارايمىز، بىز خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز» دېگەن باياناتى بىزگە مەرھۇم رەھبىرىمىز پروفېسسور دوكتور نەجمەتتىن ئەرباكاننىڭ: «سىلەر قايسى ئېتىقادنىڭ بالىلىرى؟» دېگەن سوئالىنى ئەسلىتىدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ۋە شېرىكلىرى جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىز خىتاي دۆلىتىگە نېمىنىڭ قەرزىنى تۆلەۋاتىمىز؟ نېمىشقا ئاۋازىمىز چىقمايدۇ؟
مەسىلە شەرقىي تۈركسىتان بولغاندا سۈكۈت قىلىشنىڭ بىر ئۆزرىسى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رەئىس كوز سۆزىنى شۇنىڭ بىلەن تۈگەتتى: شۇنى بىلىش كېرەككى بىز سائادەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى تېررورچى دەپ تۆھمەت قىلغان دوغۇ پېرىنچەككە ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يوق قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز ھەر قانداق ئەھۋالدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز.


شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا تۇرمىغانلار ۋە ئۇلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەنلەر ۋە بۇ ئەيىبلەشكە سۈكۈت قىلغانلار تارىخ ئالدىدا ھېساب بېرەلمەيدۇ. بىر جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ رەھىمسىز خىتاي رېجىمىغا ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا قانۇنلۇق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقان نەرسە نېمە؟ ئەگەر مەسىلە مۇسۇلمانلىق بولسا، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلماندۇر.
ئەگەر مەسىلە تۈركچىلىك بولسا، شەرقىي تۈركىستان تۈركتۇر.
ئەگەر مەسىلە مەزلۇملۇق بولسا، شەرقىي تۈركىستان مەزلۇمدۇر.
ئانادولونى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ پاناھگاھى دەپ ئىپادىلىگەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بىز سائادەت پارتىيىسىنىڭ ۋىلايەتلىك تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ئىنسانىي پاجىئەنى ئەيىبلەيمىز ۋە دۆلەت باشقۇرغۇچىلىرىنى خىتاينىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز.
شۇنداقلا خەلقىمىزنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز رەھىمسىز خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تېررورچى دەپ قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمگە بېلەت تاشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمىتىمىزنى بۇ خاتالىقتىن تېزدىن قايتىشقا چاقىرىمىز.
بۈگۈن بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلار شۇنى ئۇنتۇمىسۇنكى، زۇلۇم مەڭگۈ داۋام قىلالمايدۇ، يامانلىق ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ!»

بۇ خەۋەر 1025 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق