شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى چاغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تاجاۋۇزچى خىتاي يېقىنقى بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل چاغان تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاپ كەلگىنىدەك بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى چاغان تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىغان.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەركەن شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ئەر - ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان تەبرىكلەش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ يوللاردا چاغانلىق شۇئار توۋلاش، ئەجدىرھا ئۇسسۇلى، كۈنلۈك ئۇسسۇلى، شىر ئوينىتىش ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.


تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلىنىپلا قالماستىن ئىشغالچى خىتاينىڭ تەھدىتلىرى بىلەن خىتاينىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە، ھەر جەھەتتىن خىتايدەك كۆرۈنۈشكە مەجبۇرلانماقتا.

 

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق