قەشقەردىن يەنە بىر تۈركۈم ياش سۈرگۈن قىلىندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولىشىچە 1952 ياش ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا» شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن كورلا شەھرىگە سۈرگۈن قىلىنغان.
سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىن تەركىپ تاپقان قىز- ئوغۇل، ئەر-ئاياللار بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئوخشاش ئىشچىلار فورمىسى كىيگەن ۋە چوڭ سەپەر سومكىسى بىلەن يۈك - تاقىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان. كورلا ۋوگزالىنىڭ ئالدىدا ئىش تەقدىم قىلىنغان رايونغا بېرىش ئۈچۈن ماشىنا ساقلاپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشكۈن ھالىتى ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئەمگەككە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.


خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق پەسكەش جىنايەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

بۇ خەۋەر 1440 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق