تەيۋەن ۋەزىيىتى خەلقئارادا دىققەت قوزغىماقتا

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن ۋەزىيىتى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى «تەيۋەننى تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئە قانۇنى» نى قايتا تەكىتلىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا دائىم ھەرىكەت قىلغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى 9 دانە كومپارتىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئالدىنقى كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىغا «تەيۋەننى تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئە قىلىش قانۇنى» نى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەننى قوغداشقا چاقىرغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 19-فېۋرال تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدا كومپارتىيەنىڭ تۆت دانە J-16 ۋە ئۇندىن باشقا بىر قانچە ئۇچۇر- ئالاقىگە قارشى ئايروپىلاننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن نازارەت ئايرۇپىلانى ۋە ھاۋا چارلاش ئەترىتى ئەۋەتكەن. تەيۋەن تاراتقۇلىرى خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ 2-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھەر كۈنى دېگۈدەك تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا تەۋەلىكىگە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم كومپارتىيە ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرغان .

 

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق