گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى: ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي تەجرىبىخانىسى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 18- فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي گېرمانىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگدىكى تەتقىقاتچىلار «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي تەجرىبىخانىسى» دەپ قارىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، داڭلىق فىزىكا ئالىمى رولاند ۋېسېندانگېر (Roland Wiesendanger)بۇلتۇرقى تەتقىقاتىدا بۇ يەكۈننى چىقارغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ۋىرۇسىنىڭ يىپ ئۇچى سانى ۋە سۈپىتى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانا ۋەقەسى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
Wiesendanger كۆپ خىل يىپ ئۇچىنى كۆرسەتكەن. ھازىرغا قەدەر ھايۋانلارنىڭ ۋىرۇسنى شەپەرەڭدىن ئىنسانلارغا يۆتكىگەنلىكى بايقالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىرۇس «ئويلىمىغان يەردىن ئادەم ھۈجەيرىسىنى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن باغلىنىپ، ئادەم ھۈجەيرىسىگە كىرەلىگەن. شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك Wiesendanger نىڭ قارىشىچە، خىتايدا تارقالغان ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي ۋىرۇس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ۋۇخەن بېلىق بازىرىدا پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ شەپەرەڭدىن كەلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ بازاردا شەپەرەڭ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك يۇقىرىقى پەرەزنى ئىنكار قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋۇخەن شەھىرىدىكى ۋىرۇس ئىنستىتۇتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەپەرەڭ كېسەللىك مەنبەلىرى ساقلانغان ئورۇن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي تەجرىبىخانىسىدا بىخەتەرلىك يوچۇقىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا تۆت ھەپتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ تەجرىبىخانىدىن كېلىشى ناتايىن دەپ قارىغان. خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسلۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچنىڭ شەپەرەڭدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. خىتاي بولسا ھەر دائىم ۋىرۇسنىڭ توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 904 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق