جونسون خوڭكوڭ خەلقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىڭتاۋ كۈندىلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون خوڭكوڭ خەلقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، داۋاملىق خوڭكوڭ خەلقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى جونسوننىڭ سۆزلىرىگە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جونسون مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ «خىتاي -ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى» دىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي خوڭكوڭدا«خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى يولغا قويغانلىقىنى، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بىر قىسىم خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنى ئەنگلىيەدە پاناھلىق سىياسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خىتايىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جونسوننىڭ سۆزلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەلچىخانا باياناتچىسى: «خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇردى دېگەن سۆزلەر غەربتە خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن توقۇلغان سۆزلەردۇر، ئەنگلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىسمەن شىركەتلەرگە چەكلىمە قويدى. ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان .

بۇ خەۋەر 1051 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق