18-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قايتا تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى ئالدىنقى ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاستىسى بىلەن ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان قانۇن لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە دەخلى قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسى بۇلتۇر 9-ئايدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 406 ئاۋازنىڭ قوللىشى ئۈچ ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللانغان لايىھەنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى ئىكەن.. كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئوخشايدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى تەستىقلانسا، ئامېرىكا پرىزىدېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ھەر قانداق كىشىگە جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن ھەمدە ئەنگە ئېلىنغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە باشقا ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقە ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن (Jim McGovern)بۇ قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرۇپ، «بىز ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان زور كۆلەمدىكى جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئەدلىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدۇق. نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى شىركەتلەر، ھەمدە خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە دۆلىتىمىزگە داۋاملىق كىرىۋاتىدۇ» دېگەن.
مەكگوۋېرىن يەنە، «شەرقىي تۈركسىتاندىكى بارلىق ئىقتىساد مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زۇلۇم ئاساسىغا قۇرۇلدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسى ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت ياردەمچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەرنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بايدېن ھۆكۈمىتى ترامپ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلدى» دېگەن يەكۈننى قوللىغان ھەمدە «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە مەسئۇل كىشىلەرنى بەدەل تۆلىتىشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن.