ئون مىڭكىشىلىك ئىمزالىق مەكتۇپ تۈركىيەپارلامېنتىغا تاپشۇرۇلدى

En politik خەۋەرلىرىنىڭ 18-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىىچە،
10مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزالىق مەكتۇپ كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسگە سۇنۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىمزالىق مەكتۇپ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن توپلانغان بولۇپ، كېلەچەك پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىق خەۋەرى تارقالغاندىن كېيىن، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىغان. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا توپلانغان بولۇپ، ئىمزالىق مەكتۇپ 17-فېۋرال كۈنى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، كېلەچەك پارتىيەسى كونيا شەھەرلىك ياشلار گۇرۇپپىسنىڭ رەئىسى ئوسمان باشاران ئەپەندى، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ھەمدە پارلامېنتتىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش، باستۇرشىنى توختاتمىغۇچە بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەركىن دۇنياغا بۇ زۇلۇملارنىڭ توختىتلغانلىقىنى ئىسپاتلىمىسا كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئىمزالىق مەكتۇپقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلسى رەئىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسەتچىلەرنى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى، ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھرىدە باشلىنىپ، بىر ئاي ئىچىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلانغان.
پارتىيە رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ‹ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نېمە دەردى بولسا ياردەم قىلىمىز› دېگەن. ئۇ يەنە، ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ قالسا، ئۇنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بۈيۈك مىللەت مەجلىس بىناسىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز نامايىش قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 937 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق