تۈركىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

سائادەت پارتىيەسى كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى جىددىي تەۋسىيە قىلدى.
قارادۇمان پارلامېنتتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك بولغان ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىتايدىن سورىلىشى كېرەك بولغان ھېسابلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن سورىلىشى قايسى ئەقىل ۋە قايسى ۋىجداننىڭ مەھسۇلىدۇر؟ ھەرقانداق سىياسىي ئىتتىپاق، چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ۋە باشقا ھەرقانداق سەۋەب بۇ زۇلۇمنىڭ قارشىسىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى ئاقلىيالمايدۇ. بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقانلارغا يارىشىدىغىنى خىتاي سۆيەر پارتىيەلەرنى ئاڭلاش ئەمەس، ئائىلىلىرىدىن يىللارچە خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرشنى تىترەتكۈدەك ئاۋازىنى ئاڭلاشتۇر».
تۈركىيەنىڭ كۈزەتكۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان قارادۇمان يەنە مۇنداق دېدى: «ھەتتا ياپونىيەدىمۇ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بار، ئەمما تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلمىغانلىقى خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىچىدە جىددى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كېرەك».

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 20:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق