«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» قانۇن لايىھەسى كانادا فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىندى

كانادا فېدىراتسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئاساسلىق ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋېللىنگتون پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چۇڭ تەرىپىدىن ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇلغان خىتايدىكى دىنىي ئاز سانلىقلار ناملىق بۇ تەكلىپ بۈگۈن ئەتىگەن باشلانغان پارلامېنت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مايكېل چۇڭ پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «دەلىل-ئىسپات ئېنىق. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، كانادا مەسئۇلىيىتىدىن قاچماسلىقى كېرەك. كانادا بۇ مەسىلىدە دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك، خۇددى ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئەيىبلىگەنگە ئوخشاش، غەرب دۆلەتلىرىگە رەھبەرلىك كۆرسىتىشى ۋە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك»
باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەر، كۋېبېك بىلوك، يېشىل پارتىيە ۋە يېڭى دېموكراتىك پارتىيە (NDP) پارلامېنت ئەزالىرىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
باش مىنىستىر جاستىن ترۇدونىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋەكىللەر، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلار بارلىقىنى ئېيتتى.
تەكلىپتە يەنە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى (ب م ت) ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 260-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» گە قارشى ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تەكلىپنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئىككى پارتىيە كېلىشىمىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىپ «پارلامېنت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەن باياناتمۇ تىلغا ئېلىندى. بۇ تەكلىپ 22-فېۋرال پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق