ئارسېنالكۇلۇبى مەسئۇت ئۆزىل ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان «ئۇيغۇرلار» نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئارسەنالدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەردە پوتبولچىلارنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋىناي ۋېنكېتشام بايانات ئېلان قىلدى.
ماھىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىدە ئەركىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋىناي ۋېنكېتشام باياناتتا: «كىشىلەر مەسئۇت ئۆزىلغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتى سەۋەپلىك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىمىزنى ئېيتىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنى دېيىش توغرا ئەمەس. بىز ئۇ مەسىلىدە تىجارى بىر قارار ئالمىدۇق. بىزدىن خىتاي ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى ۋە بىز ماھىرلىرىمىزنىڭ ئايرىم بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتۇق. مەسئۇت ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئارسەنالدا ھەرقانداق بىر توپچىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئېنىق سۆزلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇلار بۇنى بەزىدە كۇلۇپ ئارقىلىق بەزىدە ئايرىم ھالدا ئىپادىلىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 19:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق