ئاممىۋى تەشكىلاتلار بايدېندىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا-خىتاي سىياسىتىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى پىرېزىدېنت بايدىنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي سىياسىتىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقىغا كۈچ چىقىرىدىغان 24 ئاممىۋى تەشكىلات ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىنغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا-خىتاي سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
بىرلەشمە مەكتۇپتا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈپتىن توختىتىشى كېرەكلىكى، ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قوللىنىلغان نۇرغۇن ئۇسۇللار يېتەرلىك بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى نۇتۇقلىرى قارشى ئېلىنغان.
بىرلەشمە مەكتۇپتا پرېزىدېنت بايدىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە يەتتە تۈرلۈك تەۋسىيە سۇنۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە: كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قانۇنسىز قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش، خىتايدىن قانۇننى قالايمىقان ئىشلىتىپ، تور ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن.
مەكتۇپتا يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى، بولۇپمۇ ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا قوشۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ مېخانىزمىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋاللىرىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى جىددىي قوللىشى كېرەكلىكى، خەلقئارانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى پائالىيەتچىلىرىنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بىرلەشمە مەكتۇپتا يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىنى خالىماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۈچ تەكلىپ بېرىلگەن بولۇپ، تەكلىپتە، نۆۋەتتىكى خىتايغا قارشى قاراتمىلىقى بولغان جازانى ساقلاپ قېلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى پەرقلەندۈرۈش تەكىتلەنگەن .

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 19:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق