تۆت دۆلەت مىنىستىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا بىردەكلىككە كەلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ دۇنياۋى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن ماسلىشىشقا قوشۇلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىىن يېۋس لې دراين، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاس ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىڭ رائاب پەيشەنبە كۈنى تور يىغىنى چاقىرىپ، ئىران ۋە باشقا جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ بلىنكېن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىكەن.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا: «بىز ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىك، كېلىمات، ئىقتىساد، ساغلاملىق ۋە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان باشقا خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئورتاقمىز» دەپ تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىران مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، خىتاينىڭ دۇنياۋى خىرىسلىرى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان، ئەمما كونكېرت تەدبىرلەر بايان قىلىنمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن 17-فېۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا، خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى، ناتونىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسىتىنىڭ خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقساراي ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى قاتارلىق مەسىلىلەر پرېزىدېنت بايدېننىڭ جۈمە كۈنى G7 باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2021 19:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق