رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورچىلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆز قىلدى

تۈنۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا دۆلەت مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىندا تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىدىن تارتىپ - سەھىيە خىزمەتلىرىگىچە بولغان بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، ئەھۋاللار، بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېلىپ بېرىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەت ھەمدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:
«ئەزىز مىللىتىم، ھۆرمەتلىك مەتبۇئات ئەزالىرى، مەن سىلەرنى پۈتۈن ھېسسىياتىم بىلەن ھەمدە چىن يۈرۈكۈمدىن قارشى ئالىمەن ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
بىز بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ جەرياندا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا تېغى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربى ھەركەت ئۈستىدە مەخسۇس توختالدۇق. ئالدى بىلەن بۇ ھەرىكەت جەريانىدا شېھىت بولغان 3 نەپەر ئەسكىرىمىزگە ۋە تېررورچىلار تەرىپىدىن غالجىرلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 13 شېھىدىمىزغا ئاللاھدىن رەھمەت تىلەيمەن، ئۇرۇغ- تۇققانلىرى ۋە خەلقىمىزگە سەۋر تىلەيمەن.
تۈركىيە 40 يىلدىن بۇيان تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان، ئىنتايىن كۆپ بەدەل تۆلىگەن ۋە ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر دۆلەتتۇر. بىز بۇ جەرياندا دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ تېررورچىلارنىڭ پاتقاقلىقىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق. تۈركىيە قالايمىقانچىلىق بىلەن تولغان 1990- يىللىرى تېررورچىلارنىڭ بەك كۆپ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ھەم ئەسكەر، ھەم دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھەمدە گۇناھسىز خەلقىمىز تېررورچىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. بۇ جەرياندا بوۋاقلاردىن تارتىپ كىچىك بالىلارغىچە، ئاياللاردىن تارتىپ ياشانغانلارغا قەدەر كۆپلىگەن گۇناھسىز كىشىلەر تېررورچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. خەلقىمىز بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز بىلەن بىرلىكتە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ، تېررورچىلارنىڭ ئۆچ-ئاداۋەت بىلەن تولغان مەقسىتىگە يېتىشىنى توسۇپ قالدى. رايونىمىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلانغان تېررورچىلار مەلۇم ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىۋالدى. كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۈستىدە پىلانلىرى بولغان بەزى دۆلەتلەر 2013- يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ پ، ك، ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنى يېڭىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈردى. بىز بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تېررورچىلارغا قارشى بارلىق چارە-ئاماللارنى ئىشلەتتۇق. بىز بۇ جەرياندا ھەرقانداق بىر خەلقىمىزنىڭ قېنى ئاقمىسۇن، يۈرۈكى ئېچىشمىسۇن، ئانىلار يىغلىمىسۇن، پەرزەنتلىرىمىز يېتىم بولۇپ قالمىسۇن دەپ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشتۇق. ئەمما بىز شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ ئەتراپىمىزدىكى مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكىگە، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كۆز تىككەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتكەن تېررورچىلار ئۆزلىرىنىڭ سۈيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ 2015- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ كۆپەيگەن ھەرىكەتلىرى بىر قىسىم ناھىيەلىرىمىزنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقىچە يېتىپ باردى. بۇ جەرياندا سۇر، ئىدىل، جىزرە، سىلوپى، مۇسايىبىن، دېلىك، دار گېچىت قاتارلىق ناھىيەلىرىمىزدە يۈزبەرگەن ھادىسىلەر بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى.
تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ھەرىكەتلىرى ۋە 2015- يىلى 7- ئايدا يۈزبەرگەن سىياسى ئۆزگىرىش قىلىشقىچە يېتىپ بارغان ھەرىكەتلەر تېررورچىلارنىڭ ئەسلى نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى. خەلقىمىز ئىستىقبالىمىز ۋە كەلگۈسى تەغدىرىمىز ئۈچۈن تېررورچىلارنىڭ بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ تۈركىيەنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىشىدەك رەزىل سۈيىقەستىنى ھاياتى بەدىلىگە بىتچىت قىلدى. پەقەت 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى كېچىسى 251 قېرىندىشىمىز شېھىت بولۇپ، 2734 قېرىندىشىمىز يارىلىنىپ غازىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشتى. مانا بۇ جەرياندا خەلقىمىز بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارغا تارىخى دەرس بەردى.
بىز تېررورچىلارنىڭ جەنۇبى چېگرىمىزنى بويلاپ كارىدور ئېچىشقا ئۇرۇنۇش پىلانىغا قارشى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى، باھار قالقىنى ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ھەربى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈرىيە بىلەن بولغان چېگرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈردۇق.
ئىراق بىلەن بولغان چېگرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراقتىكى تېررورچىلارنىڭ مەركەزلىرىگە قارشى ئارقا- ئارقىدىن ئېلىپ بارغان ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بەردۇق ھەمدە تېررورچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە مەخپى كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇقىم ھەربى بازىلار قۇرۇپ چىقتۇق.
دۆلىتىمىزنىڭ 2015- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ھەربى ھەرىكەتلەردە 401 ئەسكەر، 443 ژاندارما، 299 ساقچى، 116 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ، 1259 ئەسكەر شېھىت بولدى. بۇ جەرياندا يەنە تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە بىگۇناھ 770 كىشى ۋاپات بولۇپ، 5 مىڭدىن كۆپ كىشى يارىلاندى. بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدە 6 مىڭ، دۆلىتىمىز چېگرىسى سىرتىدا 6 مىڭ 900 بولۇپ، 12 مىڭ 900 دىن كۆپ تېررورچى يوقىتىلدى. ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش جەريانىدا يەنە يارىلانغان 1300 گە يېقىن تېررورچى ۋە 1300 دىن ئارتۇق تېررورچى ئەسىرگە ئېلىنىپ، 2243 تېررورچى تەسلىم بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ جەرياندا يوقىتىلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 17 مىڭ 750 كە يەتتى. بۇ ئەھۋاللارنى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق؛ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە قارشى قىلغان تەييارلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ 5 يىل ئىچىدە ئاساسەن دېگۈدەك بىر تەرەپ قىلىندى.
بىز ھەتتا بىر نەپەر شېھىدىمىزنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىنىمۇ بۇ تېررورچىلارنىڭ ھەممىسىگە تېگىشمەيمىز. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەغدىرى مەسىلىسىگە كەلگەندە، قارشىسىدىكى تېررورچى بولسۇن، ياكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش قىلغۇچى بولسۇن كۆزىنى مىت قىلماستىن ھەر ۋاقىت شاھادەتكە تەييار ئىكەنلىكىدىن ھېچكىمنىڭ گۇمانى بولمىسۇن.
ئەزىز مىللىتىم، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھەر بىر رەقەمنىڭ كەينىدىكى ھەر بىر شېھىدىمىزنىڭ، ھەر بىر غازىمىزنىڭ ھەتتا ھەر بىر تېررورچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىدا بىردىن جاننىڭ بارلىقىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمىز. بىز غەربلىككە ئوخشاش ئىنساننى تاۋارلاشتۇرىدىغان، ياكى پ، ك، ك ۋە دائىشقا ئوخشاش ئازغۇن تەشكىلاتلارنىڭ قارىغۇلارچە ئۆلۈمنى ئۇلۇغلاشتۇرىدىغان، ياكى پەتوچىلارغا ئوخشاش ئىرادىسىنى بىر كىشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئەمەس. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسىدا، ئىنساننى ياشاتكى دۆلەت ياشىسۇن دېگەن چۈشەنچە بار. چۈنكى ئەجداتلىرىمىز بىزگە ھاياتقا ئىنساننى مەركەز قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتكەن. شۇنداق، بىزنىڭ ئەزان ئاۋازىمىز، بايرىقىمىز، ۋەتىنىمىز باشتا بولۇش بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەسلىرىمىز نىشانغا ئېلىنغان ۋاقىتتا كۆزلىرىمىز دۇنيانى كۆرمەيدۇ...
بىز شەھەر كوچىلىرىمىزدا قالايمىقانچىلىق چىقارسا بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتىدۇق، ئۈستىمىزدە سىياسى ئويۇنلار ئوينالسا ئۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتىدۇق، يەنە ئىچىمىزدىنمۇ، سىرتىمىزدىنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتىدۇق. سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش بىلەن سۈيىقەست قىلسىمۇ، ئىقتىسادى جەھەتتىن تۇزاق قۇرسىمۇ، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلەردە ناھەقچىلىككە ئۇچرىساقمۇ ھېچبىر ۋاقىت ئىگىلمىدۇق، تىز پۈكمىدۇق، بويۇن ئەگمىدۇق.
بۈگۈن تۈركىيە كەلگۈسىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئۈمىت بىلەن قارىماقتا. كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئۈچۈن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىمەكتە. ھەر قايسى دۆلەتلەر نېمە دېسە دېسۇن، بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگەن خەلقنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولدۇق. تۈركىيە بۈگۈن 2023- يىلىغىچە پىلانلىغان نىشانىغا يەتكىنىمىزدە بارلىق خىزمەتلەردە تۈركىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىر نۇقتىغا ئېلىپ كېلىمىز...» دېدى.

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 22:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق