سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ سوتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

 

سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ سوتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارشىلىقى، خىتايغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيىسى رەئىسى دوغۇ پېرىنچەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە قارشى ناھەق ئاچقان دېلوغا ئىستانبۇلدىكى چاغلايان ئەدلىيەسىدە قاراپ چىقىلدى.

سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەھكىمىدىن چىققاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە بۈگۈنكى مەھكىمىدىمۇ دوغۇ پېرىنچەكنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە چاپلىغان تۆھمەتلىرىگە سوتچى ئالدىدا بىرمۇ بىر جاۋاب بەرگەنلىكىنى، دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەنلا قالماي بەلكى تۈركىيەنىمۇ خىتايدىن كەچۈرۈم سوراش كېرەك دېگەن ئەخمەقلەرچە سۆزلىرىگىمۇ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارغا چاپلاۋاتقان بارلىق بۆھتانلىرى بىلەن 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن 83 مىليون تۈركىيە خەلقى ئارىسىغا ئاداۋەت سالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بۇ نىيىتىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى مەھكىمىگە سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئادۋۇكاتى ئىلياس دوغان ئەپەندىدىن باشقا ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئادۋۇكاتلىرىمۇ بۇ دېلونى كۆزىتىش ئۈچۈن سوتقا قاتناشتى.

بۈگۈنكى سوتمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

 

بۇ خەۋەر 1324 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق