تاجاۋۇزچى خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىرگە، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى يۆتكەش، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى ۋەيران قىلىش، قەبرىلەرنى خالىغانچە چىقىپ بۇزۇش قاتارلىق تېرورلۇق سىياسىتىنى ئېلىپ باردى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاندا ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسىم قەبرىستانلىقلاردىن بىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىردەك ئوخشاش سېلىنغان قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە نومۇر قويۇلغان بولۇپ، ھېچقانداق بىر قەبرىنىڭ ئۈستىگە ئىسىم يېزىلمىغان. ئەكسىچە رەت بويىچە يېزىلغان نومۇر ۋە قەبرە ئىگىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزاسىنىڭ تېلېفۇن نومۇرلىرى يېزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھەركۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ تۈردىكى دەپسەندىچىلىكلەر خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەرۋاقىت يالغان سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە، ياشاش ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرمەكتە.