گۈلخان گۈلەچ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

دەۋا پارتىيەسىنىڭ سىنوپ مەركىزى رايون باشلىقى رەجەپ گۈرخان گۈلەچ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى تىلغا ئىلىپ دۇنيانىڭ بۇنى توختىتىشى كېرەكلىكى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلخان گۈرەچ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىمەكچىمەن. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بېسىمى ۋە زۇلۇمىغا دۇچ كەلمەكتە. تۆنۈگۈن بىر كىچىك بالىمىزنىڭ خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىپ پەريادىنى ئاڭلىتىشى ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەزدى. ئۇلار بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز، بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرمايلى، 39 دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىقى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتلارنى ئېلان قىلىشى ۋە ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ ئاڭلىتىشى، لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇ 39 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكى ھەمىمىزنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى. ساھىبسىزلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇڭ. ھەممىڭلارنى ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بىلەن سالاملايمەن» دېدى.

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق