«مىللەت نۆۋىتى»گەئايلانغان نامايىش قاتتىق سوغۇقتا داۋام قىلماقتا

ئۇزۇندىن بۇيان «ئائىلەم قەيەردە؟» شوئارى بىلەن باشلانغان نامايىشلار بارا – بارا كېڭىيىپ، ئىستانبۇل ۋە دۇنيادىكى بىر قانچە دۆلەتتە داۋام قىلماقتا.
تۈركىيەدە «مىللەت نۆۋىتى» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىش بۈگۈنمۇ داۋام قىلدى. ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا يۈزلەرچە خەلقىمىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈكىستاندىكى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارشى نامايىش قىلدى.
ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسى ھەققىدە جاۋاپ ئېلىشنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نامايىشچى خەلق يەنە، «زالىم خىتاي ئاتا- ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرك خەلقىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

خىتاي خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىدى ، ئەمما خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بىر پەيتتە، خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ، دۇنيا جامائىتىدىن جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
بۈگۈنكى نامايىشتىمۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىمىز ئەتتىگەندىلا مەيداندا ھازىر بولغان بولۇپ، نامايىش جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.
نامايىشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام، ساباھەتتىن زەئىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى بۇرھان ئۇلۇغيول، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكالىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئۆمەر قاراھاجىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق