خىتاي ئېستونىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېستونىيە ئاخبارات ئىدارىسى دۇنيا خەلقىنى خىتايدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېلان قىلغان دوكلاتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئېستونىيە تاشقى ئاخبارات ئىدارىسى يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، «خىتاي تەنقىدنى باستۇرۇپ، ئېستونىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردە مۇھىم تېخنىكىلارنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېيىلگەن. خىتاينىڭ ئېستونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەزمۇنلىرى « بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى روھىي ھالىتى» بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دوكلاتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەلىپى ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇلىشىچە، خىتاي مەبلەغ سېلىش، 5G تورى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېستونىيەگە بولغان تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئېنىق نىشانى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيانى خىتاي تېخنىكىسىغا بېقىندۇرۇش ئىكەن. دوكلاتتا يەنە، 5G ئىشلەپچىقارغۇچى خۇاۋېي ۋە بەيدۇ يول باشلاش سىستېمىسى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە «خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىي پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش ياكى ئورتاق كەلگۈسى نىشان بىلەن ئورتاقلىق ئورنىتىش» بېيجىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جىمجىت دۇنيانى بەرپا قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىش» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئېستونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دوكلاتنى تەنقىد قىلغان ۋە دوكلاتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس رېينالس(Urmas Reinsalu)تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ئېستونىيە 1991-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بالتىق دېڭىزى دۆلىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ، چېخ جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش، ئېستونىيەمۇ خىتاينى تەنقىدلەشتە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ كەلگەن كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

بۇ خەۋەر 905 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق