ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئاقىۋىتىگە خىتاي مەسئۇل بولۇشى كېرەك

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون 15-فېۋرال «دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا تارقالغىنىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئېنىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن.
جونسون رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ «ئېنىقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىسىز» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مېنىڭچە دۇنيا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، بىز ئىنسان بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدىكى تارقىلىشچان سانلىق مەلۇماتنى قانداق ئىز قوغلاش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز. تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا بولۇش جەھەتتە، ئۆز-ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ » دېگەن.
ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «مېنىڭچە بىز يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە توغرا كۆرگەن مۇۋاپىق پىكىرلەرنىڭ بىرى دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر شەرتنامىسى تۈزۈپ چىقساق، ئىمزا قويغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالىسا، ئۇنداقتا بىز نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز ھەمدە يۇقۇمنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز» دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل (Charles Michel) تۋىتتېر ھېساباتىدا جونسون ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جونسوندىن يەنە، يۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقتا كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى سورالغاندا: «مېنىڭچە ئېنىقكى، كۆپىنچە دەلىل-ئىسپاتلار ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى ۋۇخەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە، تەكىتلەپ: «مېنىڭچە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىمكانقەدەر ھېس قىلالىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە بىز بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتقا موھتاج» دېگەن.
مەلۇم بولغاندەك، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب 14-فېۋرال ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق