ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى سىپراتلى ئارىلىدا خىتايغا جەڭ ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا يەنە بىر قېتىم يول باشلاش ئەركىنلىك ھەرىكىتى باشلىدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يەتتىنچى فىلوتى بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، بۇركېي دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى (USS RUSSELL DDG-59) 17-فېۋرال سپراتلى ئارىلىدا، (خىتاي نەنشا ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) يول باشلاش ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ قانۇنسىز يولغا قويغان چەكلىمىسىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن بويىچە دېڭىز ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، ۋىېيتنام، تەيۋەن، مالايسىيا، بىرۇنى ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى سپراتلى ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىغا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپى قىلىدۇ. يەتتىنچى فىلوتنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، ۋىيېتنام ۋە تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەتئەل ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەندە رۇخسەت ئېلىشى ياكى ئالدىن ئۇقتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن ئەمما خەلقئارا قانۇن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىشىغا يول قويمايدىكەن. ئامېرىكا مەزكۇر دۆلەتلەرگە ئالدىن خەۋەر بەرمەي ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي رايوندىن كېسىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ قانۇنسىز چەكلىمىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دېڭىز يوللىرىنىڭ بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، USS مەككايىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان. خىتاي ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا يول باشلاش ھەرىكىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جېيىچى ئالدىنقى ئايدا بۇ ھەقتە: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ توقۇنۇشماسلىق ئاساسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش يولىدا تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا يول قويمايدۇ» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر 744 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق