Porsche خىتايدا ماشىنا ئىشلەپچىقارمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسى پورسچى Porsche ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاسىيادىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ماشىنا توشۇشتا قىينىلىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەڭ چوڭ ۋە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بازار بولغان خىتايدا زاۋۇت قۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولىۋېر بىلۇم «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ: «ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايغا يۆتكەشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېدى.
بىلۇمنىڭ پوزىتسىيىسى ئىزچىل خىتايدا ماشىنا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاۋدى، BMW ۋە مېرسىدىس قاتارلىق گېرمانىيەنىڭ باشقا ماركىلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.
ئەمما پورسچىنىڭ باش شىركىتى بولغان ۋولكىس ۋاگىندىمۇ ئىجرائىيە ھەيئىتىدە يەر ئالغان بىلۇم «گېرمانىيەدە ياسالغان» دېگەن ماركىنىڭ شىركەت ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىپ ماشىنىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتكەندىن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە مۇتەخەسىسلەر WV گۇرۇھىنىڭ يىللىق پايدىسىنىڭ تەخمىنەن% 40 نى ئىگىلەيدىغان پورسچىنىڭ بارغانسېرى خىتايغا باغلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پورسچىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى بولغان 2020-يىلىمۇ ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بىردىنبىر ئاساسلىق بازار بولغان.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق