«مىللەت نۆۋىتى» گە ئايلانغان نامايىش باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى

«ئائىلەم قەيەردە؟» شۇئارى بىلەن باشلانغان نامايىشلار بارا – بارا كېڭىيىپ، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدا «مىللەت نۆۋىتى» نامىدا داۋام قىلغان ئىدى.
13-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئائىلەم قەيەردە؟» شۇئارى ئاستىدا نامايىش باشلىغان.
شۇنداقلا گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش باشلىغان بولۇپ، نامايىشنىڭ ئۈچ ئاي داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كىيىم كىيگەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش تېررورلۇق سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى ئېسىپ نامايىش قىلغان. مۇخبىرلارغا ھەمدە يولدىن ئۆتكەن ياپون خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈزگۈزۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى تونۇشتۇرغان.

«مىللەت نۆۋىتى» گە ئايلانغان نامايىش خىتاينىڭ تۈركىيە ئسىتانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانسى ئالدىدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنمۇ 300 گە يېقىن ئۇيغۇر نامايىشقا ئشتىراك قىلدى.
تۈرمە ۋە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسمىلىرى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆتۈرگەن خەلق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى شۇئارلارنى توۋلىدى.
بۈگۈن يەنە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى نامايىش مەيدانىغا كېلىپ، نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى. نامايىشچىلاردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1004 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق