خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نومۇسسىزلارچە بايانات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چەكلىمىسىز ۋە ئەركىن ئىكەنلىكىنى قىلچە نومۇس تۇيغۇسى ھېس قىلماستىن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆز تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن يالغانچىلىق بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.
باياناتتا: «ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا ئەنقەردىكى باش ئەلچىخانىغا ياكى ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىغا خەۋەر قىلغان ئەھۋالدا ئۇلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىنغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن خىتايغا قارا چاپلاپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە، خىتاي يەنىلا بۇرۇنقى سەپسەتىسىنى سېتىپ: بۇ خىل پىلانلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ چەكتىن ئاشقان ھالدا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەدىكى جەمئىيەتنى تۈزەش سىستېمىسىدىن پەرقى يوقلىقىنى ھەتتا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىشانى ۋە پرىنسىپىغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنىڭدىن باشقا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان خەۋەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، بىر قىسىم غەرب ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات ئەخلاقى يوقلىقى ۋە بۇ ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى باستۇرۇش ۋە تۆھمەت قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقى، تۈركىيەدىكى مەتبۇئات ئەزالىرىنىڭمۇ پەقەت غەرب تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئىشەنمەستىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ۋە خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ دوستلۇق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئسىتانبۇلدا دەسلەپتە باشلانغان ئائىلە نۆۋىتى نامايىشى جەريانىدا خەلقىمىز توختىماستىن خىتايدىن ئۆز ئائىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە جاۋاب بەرمەيلا قالماستىن، نامايىشچىلارغا پەسكەشلەرچە تەلەپ قويغان ئىدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي ھەر قېتىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ يالغاندىن بىلجىرلاپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى.

بۇ خەۋەر 1173 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق