كانادانىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئوتول: بىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك

كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئوتول خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئوتول AP ئاگېنتلىقىغا قىلغان باياناتىدا باش مىنىستىر جاستىن ترودوغا چاقىرىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يۆتكىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوتۇل يەنە « «كانادا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك، ئەمما بۇنى يالغۇز قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق بىز بۇ مەسىلىدە ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئوتول يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ساقچى دۆلىتى يولغا قويغانلىقىنى ۋە ئىككى كانادالىقنى خىتاي تۈرمىسىدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، باش مىنىستىر ترودونىڭ كانادانىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC)گە بىسىم قىلىپ-قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ياكى كانادالىق تەنھەرىكەتچىلەرنى خىتايغا ئولىمپىككە ئەۋەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ خەۋەر 739 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق