بايدىن: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن «خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دېگەن.
بايدېن 16-فېۋرال ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ مىلۋوكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ، CNN رىياسەتچىلىكىدىكى پۇقرالار يىغىنى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان. ئۇ پىروگراممىدا ئاساسلىقى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قانداق گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلغان. رىياسەتچى ئۇنىڭدىن ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭ بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە نېمىلەر ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى سورىغان بولۇپ، ئۇ جاۋابەن: «شى جىنپىڭغا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يەنە خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بايدېن پىروگراممىدا يەنە، شى جىنپىڭغا ئەگەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئىپادە قىلمىسا، پىرېزىدېنت ئورنىدا ئولتۇرۇشنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش مەيدانى بار باشقا ئورگانلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدىن يەنە، خىتاينىڭ دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما ئۆزىنىڭ خىتايغا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا زىت بولسىلا، بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي 10-فېۋرال كەچتە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇ بايدېننىڭ نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 746 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق