پامپېييو بىلەن ئوبراين ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرىپىدىن جازالانغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن روبېرت ئوبراين ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، قەرەللىك ھالدا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن ئوبراين بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇلار باياناتىدا، مۇنبەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىزنىڭ ھەر ئايلىق سۆھبىتىمىز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ئامېرىكا ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلاد رېئال تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى يېتىلدۈرىدۇ» دېگەن. پومپېيو يەنە، نىكسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئوبراين بىلەن ئايلىق ئۇچرىشىشقا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاشقى سىياسەت يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەت يىغىنى ئامېرىكىنىڭ كونسېرۋاتىپ سىياسىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مۇنبەردە خىتاي مەسىلىسى ئاساسلىق مۇنازىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولىدىكەن. پومپېيو يەنە، ئامېرىكىنىڭ كونسېرۋاتىپ رېئالىزملىق سىياسىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن بۇ خىل ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرىگە قاتناشقانلار پومپېيو ۋە ئوبرايندىن باشقا سابىق مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بو مىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ فېدېراتسىيە ۋەكىلى مايك گاللاگېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۈشەنبە كۈنى نېكسون فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، يەر شارى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبەرنىڭ مۇھىم تېمىسى بولىدۇ. تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.
بىلدۈرلۈشىچە، پومپېيو ھازىر كونسىرۋاتىپلاردىن تەشكىللەنگەن ئاقىللار ئامبىرى خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ. ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپ سىياسىي ئېڭى كۈچلۈك ۋە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇشتا كەسكىن مەيدانى بار ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. روبېرت ئوبراين بولسا ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى، 2018-يىلى مايدىن باشلاپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئالغانلار بىلەن سۆھبەت قىلىپ ھەل قىلىش مەسىلىسىگە مەسئۇل بولغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇرەسسە قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قولايلىق ياراتقان، شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق