گۆرۆگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى لىبېرىيە بايراقلىق موزارت «Mozart» ئىسىملىك پاراخوتتا دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىۋېلىنغان 15 تۈرك ماتروس تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ بىر ئايرۇپىلانى بىلەن تۈركىيەگە سالامەت يېتىپ كەلدى.
بۇ 15 ماتروس ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئايرۇدرومدا كۈتۈۋالدى.
بۇ يۈك پاراخوتىدا ئەسلىدە 19 ماتروس بولۇپ، 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتلانتىك ئوكيان ئارقىلىق جەنۇبى ئافرىقىنىڭ كەيپتاۋىن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان. بۇ پاراخوت نېگىرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىگە 180 مىل كېلىدىغان دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئەزەربەيجانلىق بىر ماتروس ئۆلتۈرۈلۈپ 15 كىشى گۆرۆگە ئېلىۋېلىنغان. دېڭىز قاراقچىلىرى گۆرۆگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، قالايمىقانچىلىقتا قۇتۇلۇپ قالغان ئۈچ كىشى پاراخوتنى گابوننىڭ پورت-گېنتىل پىرىستانىغا يېقىن بىر ئورۇنغىچە ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ كىشىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى تۈركىيەگە سالامەت قايتۇرۇپ كەلگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ 15 كىشىنى گۆرۆگە ئېلىۋالغانلىق خەۋىرىنى ئالغان ھامان جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ گېرمانىيەدە بىر كىرىزىس ئىشخانىسى قۇرغان. مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى دېڭىز قاراقچىلىرى ئۇ كىشىلەرنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئايرۇپىلان ۋە مەخسۇس خادىملار ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق