گارا تېغىدا شېھىت قىلىنغان 13 كىشىدىن 11 كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈكىيەدىكى CNN تۈركنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەنىڭ 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئىراقتىكى پ، ك، ك، تېررورچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىسى بولغان گارا تېغىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ھەربى ھەركىتى «بۈركۈت پەنجىسى 2- ھەركىتى» (Pençe Kartal-2 Harekatı) تۆت كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن 2- ئاينىڭ 14- كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان.
بۇ ئۇرۇش جەريانىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەربىدار قىسىملىرى پ، ك، ك، تېررورچىلىرى تەرىپىدىن 2015- يىلى ۋە 2016- يىللىرى گۆرۈگە ئېلىنغان تۈركىيەنىڭ 11 ئەسكەر، ساقچىسى ۋە 2 پۇقراسى بولۇپ 13 كىشىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەپسۇسكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. بۇ 13 كىشى گارا تېغىدىكى تېررورچىلارنىڭ بىر ئۆڭكۈرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە ئارمىيەسى گارا تېغىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ھامان ئۆڭكۈرنىڭ مەسئۇلى بولغان تېررورچى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ 13 كىشىنى ئېتىۋەتكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كېيىن ئۇ رايوننى تامامەن كونترولى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇ 13 نەپەر پۇقراسىنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ ھازىرغىچە 11 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نامازلىرى چۈشۈرۈلۈپ، رەسمىي ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. تېررورچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان 13 كىشىدىن كىملىكى ئېنىقلىنىپ يەرلىكىدە قويۇلغان 11 كىشى تۆۋەندىكىچە:
1-ھاۋا مۇداپىئە مۇتەخەسسىسى، سېرژانت ھۈسەيىن سارى
2015 -يىل 8- ئاينىڭ 13-كۈنى دىيارباقىردىن بىنگۆلگە كېتىۋاتقاندا تېررورچىلار يول توسۇپ، ئاپتۇۋۇزدىن تۇتۇپ گۆرۈگە ئالغان.
2-شانلىئۇرفا ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى؛ سېدات يابالاق
2015 -يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قايتىپ دىيارباقىر-لىجە يولىنىڭ ئايرىلغان جايىغا كەلگەندە تېرورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
3 -رىزە ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق شتابىدا ئىشلەيدىغان سېرژانت؛ سېمىھ ئۆزبەي 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 18-كۈنى تۇنجېلى ۋىلايىتىدىن ئەرزىنجان ۋىلايىتىگە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
4-تانكىست (تانكا ھەيدەيدىغان) ئەسكەر؛ ئادىل كاباكلى
2015 -يىل ئاغرى تېغىدىكى ئەسكىرى قىسمىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ تۇنجېلى- پۈلۈمۈر تاش يولىدا كېتىۋاتقاندا تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
5 -بىنگۆل ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىدىكى ژاندارما؛ سۇلايمان سۇنگۇر
2015 -يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سىئىرىت ۋىلايىتىنىڭ تاش يولىدا كېتىۋاتقاندا تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
6-ئەرزىنجان شەھىرىدىكى توپچى قىسمىنىڭ ئەسكىرى مۈسلۈم ئالتىنتاش
2015 -يىل 10- ئاينىڭ 2-كۈنى تۇنجېلى-پۈلۈمۈر تاش يولىدا ھەربى قىسمىغا بېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
7 -ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى؛ ۋېدات كايا
2016 -يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى لىجە ناھىيەسىنىڭ بېركېلىن دەرياسى بويىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ساياھەت قىلىۋاتقاندا تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
8-ھاككارى ۋىلايىتىنىڭ ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىدىن مۇتەخەسسىس مەۋلۇت كاھۋەجى
2016 -يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ھاككارى- چۇكۇرچا ئارىسىدىكى تاش يولدا كېتىۋاتقاندا، تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ گۆرۈگە ئېلىنغان.
9-ئەرزۇرۇملۇق توختاملىق ئەسكەر سېدات سورگۇن.
10-ئادىيامان ۋىلايىتىلىك پۇقرا ئايدىن كۆسە.
11-سامسۇن ۋىلايىتىلىك پۇقرا مۇھەممەت سالىھ كانجا.
بۇ شېھىتلەر گارا تېغىدىكى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن مالاتيا ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. تەكشۈرۈشتە بۇلاردىن 12 كىشىنىڭ بېشىغا يېقىن ئارىلىقتىن ئاتقان ئوق بىلەن، بىرسىنىڭ كۆكسىگە ئاتقان ئوق بىلەن شېھىت قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغان.
گارا تېغى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر تاغ بولۇپ، تۈركىيە چېگرىسى بىلەن بولغان ئارلىقى 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ تېررورچىلار 30 يىلدىن بۇيان ماكان تۇتقان تاغ بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە مۇھىم. تېررورچىلارغا نىسبەتەن، تېررورچىلارنىڭ مەركىزى بازىسى بولغان كاندىل تېغىدەكلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇ تاغ تېررورچىلارنىڭ كاندىل تېغىدىن سىنجارغا ۋە سىنجاردىن كاندىل تېغىغا ئۆتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق يول ئۈستىدە بولۇپ، ئىستراتىگىيەلىك ئورنى پەۋقۇلئاددە مۇھىم.
تۈركىيە بۇ ئۇرۇشنى قوزغاش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەييارلىق كۆرگەن بولۇپ، ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن بۇ تاغدىكى تېررورچىلارنىڭ 9 ئۆڭكۈرىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقىپ پۈتۈن تاغنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلىنى ياساپ چىققان. بۇ ئۇرۇشقا تۈركىيەنىڭ نەچچە مىڭ ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە 42 كۈرەشچى ئايرۇپىلانى ۋە كۆپ ساندا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھەم دېرونلار قاتناشتۇرۇلغان. 4 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشتا تۈركىيە 53 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى تېررورچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 782 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2021 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق