شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ئاشكارىلانماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر كۈنسىرى ئاشكارىلانماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال نەق مەيداندا ئىش ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ بىر ئىش تېپىپ توختام تۈزۈپ خىتايغا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىدىلىدىغانلىقىنى، بالىسىنىڭمۇ بالىلار لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، لاگېردا بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن مۇنچىغا چۈشۈرىلىدىغانلىقى، مۇنچىغا چۈشۈرۈش جەريانىدا بالىلارنىڭ قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇلغانلىقى سەۋەپلىك سۇدىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ بىر قىسىمى لاگېردىن ئۇدۇللا لاگېر زاۋۇتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، يەنە بىر قىسمى مەجبۇرى ھالدا ئىش تېپىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە بالىلىرىنى بالىلار لاگېرىغا ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىش ئىزدەۋاتقان بۇ تۈردىكى سىنلارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1586 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق