ئۇيغۇر بالىلىرى چاغان باھانىسى بىلەن خىتايلارغا تازىم قىلىشقا مەجبۇرلاندى

تارىختىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە ئىسلامى بايرىمى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن خىتايلاردەك بەنشىر تۈگۈش، ساليوت پوجاڭزا ئېتىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق پەسكەش قىلىقلىرى بويىچە چاغان تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن تارقالغان سىنلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چاغانلىق پۇل ئېلىش نامىدا خىتايلارغا ئېگىلىپ تۇرۇپ تەكرار-تەكرار تازىم قىلغانلىقى، يەنە بىر سىندا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە كېلىپ ئائىلە بويىچە چاغان تەبرىكلەش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىنلار تارقالغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاندا چوشقا گۆشى بىلەن تەييار قىلىنغان بەنشىر يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە، خىتايچە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا، ئىشىك دېرىزىلىرىگە قىزىل خەتلەرنى ئېسىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، بۇلارنى قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ چوڭ-كىچىك دېمەستىن ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن تۆھمەت بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1171 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق