ھېربېرت دىس: بىر شىركەت مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمايدۇ

ۋولكىس ۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى ھېربېرت دىس شىركەتنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلدى.
دىس فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيىتوڭ گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «سىياسەت بىلەن سودا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك، يېڭى رىقابەت» قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.
ۋە شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە سادىقمەن، دېگەن سۆزىگە مۇخبىر: سىزنىڭ سىياسىي مەيدانىڭىز يوقمۇ؟ دەپ سۇئال قويغان بولۇپ، ئۇ جاۋابىدا:
ئەلۋەتتە شەخسىي پۇقرا بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيدانىم بار. ئەمما مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى 670،000 خىزمەتچىمىز، خېرىدار ۋە پايچېكلىرىمىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىمەن. مەن بۇنىڭغا مەسئۇل. بىز بىر سىياسىي ئورگان ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق سودا كارخانىسى. نەتىجىدە بىر شىركەت مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە بىرگە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ 5.7 سىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ئەگەر بىز پەقەت بۇ دۆلەتلەردە سودا قىلغان بولساق بىز ۋە باشقا دۇنيا شىركەتلىرى ھايات قالمىغان بولاتتۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا "شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدا مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئاشۇ رايوندىكى كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە نە بىز نە زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىمىز قۇل ئىشچى ئىشلەتمەيمىز، بىز بۇ مەسىلىدە ئەسلا مۇرەسسە قوبۇل قىلمايمىز. بۇ قىممەت قارىشىمىزنى شىركىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىدىمۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلايمىز" دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 821 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق