تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 11 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باش ئىدارىسى 11 ئۇيغۇرنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى ۋە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باش ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ئېلان قىلىش باياناتىدا:
"بەزى تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىلگەنلىكى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈنلەي يالغاندۇر. دەل ئەكسىچە ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرۇدرومىدىن دۆلىتىمىزگە كەلگەن مەزكۇر 11 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن مىنسىتىرلىقىمىزنىڭ تەلىماتى بىلەن 2018 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى دۆلىتىمىزگە كىردى. خەلقىمىزگە ھۆرمەت بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ" دېگەنلەر تىلغا ئېلىندى.

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق