58 دۆلەت «چەتئەللىكلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى چەكلەش خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 58 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چەكلەش كۈچىگە ئىگە «چەتئەللىكلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى چەكلەش خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىتابنامىگە كانادادىن باشقا ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر ئىمزا قويغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گەنو بۇ باياناتنىڭ ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتابنامىگە ئىمزا قويۇشتىكى مەقسەت پەقەت چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرىدىغان دۆلەتلەرگە ۋە بۇ خىل قىلمىشلار يولغا قويغان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنغان. ئەمما كانادالىق بىر ئەمەلدار بۇ خىتابنامىنىڭ خىتاي، ئىران، رۇسىيە ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ خىتابنامە رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، «كانادا ئالاقىدار دۆلەتلەرنى «خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشقا قارشى ئاتالمىش خىتابنامە» تارقىتىشقا قىزىقتۇردى» دېيىلگەن. ماقالىدە نامەلۇم بىر مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي بۇ خىتابنامىنى «ئىنتايىن تۇتۇق، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە كىشىنى بىزار قىلىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.
كانادالىق بىر ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتابنامە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار: «بىز ئۇلارغا ئازراق بىئاراملىق ھېس قىلدۇرىمىز. ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خىتابنامە بۇ خالىغانچە چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردىمى بولىدۇ» دېگەن.
بىرلەشمە خىتابنامىگە ئىمزا قويۇش تەكلىپىنى كانادانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانكۋا فىلىپ شامپان(Francois-Philippe Champagne)ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغانلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى قارىتىشقا پايدىسى بولىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق