ئىستانبۇلدا شېھىت ئابدۇرەئۇپ ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان ئابدۇرەئۇپ ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى 15-فېۋرال ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلدى.
جىنازا نامىزىنى تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم سىيەر ۋەقفى قۇرغۇچىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم ئىمام بولۇپ ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن بارلىق شېھىتلار ۋە مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ھەمدە مۇھىم نەسىھەت قىلدى.
ئۇ سۆزىدە: «تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن ئالىمنىڭ شېھىت خەۋىرى كەلدى. مەرھۇم شېھىتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ شېھىت بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن! شېھىت ئابدۇرەئۇپ ھاجىم غەلىبە قىلدى، ھايات ياشاۋاتقانلارغا ھەمدە سىلەرگە نىسبەتەن شېھىتلەرنىڭ روھىنى، جاسارىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىمانىمىزنى ئەمەلىيىتىمىزگە، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە تەتبىقلاپ ھەر بىر نەپەستە خىتايغا قارشى تىك تۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، غەلىبە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

نامازدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ دوستى، ساۋاقدىشى ئۇستاز ئابدۇلئەزىز خەلپىتىم مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى مەرھۇمنى 2017-يىلى 2-ئايدا ئۆيىدىن بىر كىتاب تېپىۋالغانلىق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلغان. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم سوراقتا كىتابتىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنى «ئۆكتەملىك قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 10 يىللىق كېسىۋەتكەن ۋە ئۇنى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سانجى تۈرمىسىگە يۆتكىگەن. خىتاي ئۇنى ئۈچ ئاي ئىلگىرى خوتەن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن بولۇپ، 11-فېۋرال (پەيشەنبە) كېچىسى خوتەن تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان.
ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەرھۇمنى تۈرمىدىكى ناچار شارائىتتا قاتتىق قىينىغان بولۇپ، ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان.

 

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق