ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى: «بىر بەلباغ بىر يول» ئاۋسترالىيەگە پايدىسى يوق

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون يېقىندا ۋىكتورىيە بىلەن خىتاي ئىمزالىغان «بىر بەلباغ بىر يول» كېلىشىمىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى، بۇ كېلىشىم بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ۋالىيسى دان ئاندرېۋس (Dan Andrews)2018 - يىلى خىتاي بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانى ھەققىدە چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم «خىتاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋىكتورىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشى مۇمكىن» دەپ تەنقىدلەنگەن .
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاندرېۋس ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ باشقا ئىشتاتلىرىنىڭ ۋالىيلىرى چوقۇم 10-مارتتىن بۇرۇن ئاۋسترالىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىگە چەتئەل بىلەن ئىمزالانغان بارلىق كېلىشىملىرى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىملەرنى باھالاپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان .
موررىسون يېقىندا «خەۋەرچىلەر گېزىتى» گە ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ پايدىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى، دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە چوقۇم بىردەكلىك بولۇشى كېرەك.»دېگەن
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى جوش فرىدېنبېرگ ۋىكتورىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم ھەققىدە توختۇلۇپ، «بىز دەسلەپتە بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىغان ، ھازىر بىز يەنىلا قوشۇلمايمىز، بىز مەسىلىگە قارىتا مۇۋاپىق پەيتتە قارار چىقىرىمىز» دېگەن.
ئاۋسترالىيە ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا قانۇن ماقۇللاپ ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن دۆلەتلەر ، رايونلار ، يەرلىك كېڭەشلەر ۋە ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىمزالىغان كېلىشىمنى تەكشۈرۈش ۋە بىكار قىلىش تەدبىرىنى يول قويغان. مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»سودا پىلانىغا ئارىلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 717 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق