ياپونىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ياپونىيە بېلىقچىلىق كېمىسىگە يېقىنلىشىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىك باش ئورگىنى 11-رايونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 4 دېڭىز ساقچى پاراخوتى 15-فېۋرال قايتا پەيدا بولغان. ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چارلاش پاراخوتى «دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ياپونىيە باش مىنىستىرلىكى كىرىزىسنى كونترول قىلىش مەركىزى كۆزىتىش ئۆيى قۇرۇپ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن .
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى ياپونىيە بېلىقچىلىق كېمىسىگە يېقىنلاشماقچى بولغان. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە كەسكىن قارشى تۇرۇش ئارقىلىق خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى پاراخوتىنىڭ تېزدىن رايوندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبوئۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ سىنكاكو ئارىلىنى قوغداشتا ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەيدىغان «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» 5-ماددىسىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇئومۇ 8-فېۋرال مۇداپىئە خامچوتى كومىتېت يىغىنىدا خىتاي دېڭىز ساقچى ئەترىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئەگەر دېڭىز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قىيىن بولسا، ئۇنداقتا بىخەتەرلىكنى ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق