ئامېرىكا خىتاينىڭ مەيدانىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرگۈچىلىرىنى ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى خام ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى دەسلەپكى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ۋىرۇسنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان (Jake Sullivan) شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، «بىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلمەكتىمىز، بىز تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسە چىقىرىش جەريانىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتاينىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دېگەن.
سۇللىۋان باياناتىدا يەنە، «بۇ يۇقۇمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە كېيىنكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، خىتاي چوقۇم يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىر ئاي ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە تاماملىغان. 2019-يىلى 12-ئايدا باشلانغان ۋۇخەندىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىسپاتلانغان 174 تۈرلۈك خام ماتېرىيال خىتاينىڭ قولىدا بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى مەزكۇر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 11:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق