«مىللەت نۆۋىتى»گە ئايلانغان نامايىش سوغۇققا قارىماي داۋام قىلماقتا

ئۇزۇندىن بۇيان «ئائىلەم قەيەردە؟» شۇئارى بىلەن باشلانغان نامايىشلار بارا – بارا كېڭىيىپ، ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدا «مىللەت نۆۋىتى» نامىدا داۋام قىلماقتا.
ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۈگۈن ئەتتىگەندىلا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا يۈزلەرچە خەلقىمىز نامايىشىنى باشلىۋەتتى.
ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسى ھەققىدە جاۋاپ ئېلىشنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلىمىدا ئېزىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شۇنداقلا نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقىنى، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيىمىزنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئەتتىگەندىلا نامايىش مەيدانىدا ھازىر بولغان بولۇپ، نامايىش جەريانىنىڭ بىر قىسمىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى ۋە نامايىش يېتەكچىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، ساباھەتتىن زەئىم ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى بۇرھان ئۇلۇغيول، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئىستىقلال يۇتۇپ قانىلىمىزدىن كۆرۈۋالالايسىلەر.

 

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق