ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى BBC نى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن BBC نى چەكلەش قارارىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 13-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ BBC نى چەكلەش ئۇسۇلىنىڭ «پىكىر ئەركىنلىكى» نى تېخىمۇ چەكلەش ۋە تاشقى دۇنيانىڭ خىتايدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا، ھەم «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە، خوڭكوڭ رادىئوسىنىڭمۇ BBC ئاڭلىتىشىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىقنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا ئىكەن. كېڭەش 1989-يىلى ئىمزالانغان تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ھەمدە خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلارمۇ خىتاينىڭ BBC نى چەكلەش قارارىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى BBC دۇنيا خەۋەرلىرىنىڭ چەتئەل قاناللىرىنى خىتايدا تارقىتىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىن ئەنگىلىيەمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا رادىيوسى CGTN نى چەكلىگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، سودا مەسىلىسى ۋە ۋىرۇس قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن جىددىيچىلىك پەيدا بولغان. بۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ چەتئەل تاراتقۇلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆتكەن يىلى خىتاي «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى» ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 588 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق