ئەنگلىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب بۇ ئەندىشىسىنى 14-فېۋرال ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان. شەنبە كۈنى ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ خىتاينىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مۇتەخەسسىسلەرنى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ، ۋىرۇس يۇقۇمىنى چۈشىنىشى ۋە كېيىنكى زور كۆلەملىك تارقىلىشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتى يەكشەنبە كۈنى ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋاننىڭ باياناتىغا رەددىيە بېرىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارغا زىيان يەتكۈزدى ۋە توسالغۇ بولدى. يەرشارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىققا قارشى تۇردى» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنى ۋۇخەندە «ۋىرۇسنىڭ ھايۋانلار ئارقىلىق ئىنسانلارغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ باياناتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى دەپ قارىلىپ تەنقىدگە ئۇچرىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر دوختۇرى جون ۋاتسون BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا ئەسلىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى، تۇنجى تۈركۈمدە بو دېلولارنى تەھلىل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاۋسترالىيە يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسى دومىنىك دۋيېر شەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەلەپ قىلغان بارلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ خەۋەر 716 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 10:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق