خىتاي يەنە ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا شاھىت بولغان ۋە ئۆزلىرى بىۋاستە ئاشۇ زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قۇللۇق سىياسىتى، ئاياللارغا قارىتىلغان باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى خىتاينى يەنە بىر قېتىم ساراسىمىگە سالدى.
بۇ تۈردىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بۇرۇنقىدەك خەلقنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا خىتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاتالمىش كەسپى تەربىيلەش مەكتىۋىدە پەقەت كەسىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى، چەتئەللەردە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلارنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەتكەن. شۇنداقلا يەنە بىر ئۇيغۇر ئايالغا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش كەسپى تەربىيلەشتىن چىققاندىن كېيىن بالا تۇغقانلىقىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان تۇغماس قىلىش سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
خىتاي ئىلگىرىمۇ بۇ تۈردىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىپ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئاقلاشقا، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. لېكىن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار، گۇناھسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ بولۇشىدەك پولاتتەك پاكىت خىتاينىڭ پەسكەش يالغانچىلىقىنى كۈنسىرى دۇنياغا ئاشكارىلىماقتا.

 

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 09:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق